خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ يىچۇاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، ياشلار-ئۆسمۈرلەر لايىھەلەش مۇسابىقىسىنىڭ «شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقىدە.
شۇ كۈنى، 2017-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنى بېيجىڭ يىچۇاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىدا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، بارلىققا كەلتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەتنى كۈتۈۋېلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان مۇنبەر، يەرمەنكە، ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 27- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى