باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىبنۇر كۆلىنىڭ سۈيى قايتىدىن سۈزۈلدى

2017.08.24 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئېلىمىزدىكى قۇم بوران مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېبنۇر كۆلىنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە تارىيىشتىن ھازىر ئەسلىگە كەلگەن كۆلىمى 800 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. مول سۇ بايلىقى ئەتراپىدىكى زەيلىكنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپ، پەسىل قۇشلىرى ۋە ئېبنۇر كۆلى بۇغىسى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتىگە ئايلاندى.

  ئۇزۇندىن بۇيان ئېبنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كۆلنىڭ سۈيى داۋاملىق ئازايدى، كۆلىمىمۇ تەدرىجىي تارايدى. 2015-يىلىغىچە دائىرىسى 362 كىۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قىلىپ، 2003-يىلىدىكىدىن %45 كىچىكلەپ كەتتى. كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 2015-يىلىدىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئېبنۇر كۆلىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىشكە قارىتا بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېبنۇر كۆلىنىڭ سۈيىنى تولۇقلاش ۋە كۆپەيتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبار قۇردى. سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش، قۇمنى چېكىندۈرۈپ ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى.

  بۇ يىل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى مەنئى قىلىش رايونى ۋە ئېچىشقا چەك قويۇش رايونى، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىشنى مەنئى قىلىش رايونىنى ئايرىش، ئەخلەتنى يىغىش ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھىتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش نۇقتىلىق خىزمىتىنى يولغا قويدى. ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېبنۇر كۆلىدە سۇ ساپلاشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇش ، دەريا سۈيىنىڭ مۇھىتىنى تىزگىنلەش قاتارلىق سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. بۇ يىل 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېبنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى شەھەر بازارلارنىڭ كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تۈرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تۈرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، دەريا ئېقىنى مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كۈچىنى كۈچەيتتى.

  ئېبنۇر كۆلى زەيلىكى دۆلەتلىك تەبئىيىتى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چىڭ جيەنلىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى زەيلىك كۆلىمى 27 مىڭ موغا يەتتى، توغراقلىقلار قايتىدىن كۆكەردى، زەيلىك يېشىللىققا پۈركۈنۈپ ، قۇشلار توپ توپ ماكانلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر