باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ھىندىستاننىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە يول ياسىغانلىقىغا «ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىغانلىقى» دەپ باھا بەردى

2017.08.25 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 24-ئاۋغۇست ھىندىستاننىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدا يول ياساش ئىشىنى تەستىقلىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىسىز، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت چېگرا رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، دېدى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مارسىمىكرادىن ئىسسىق بۇلاققىچە بىر بۆلەك يول قۇرۇلۇشى قىلىشنى تەستىقلىغان. مارسىمىكرادىن بەنگوڭ كۆلىنىڭ غەربى شىمالىي بېشىغا ئاران 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: بۇ يولنى ياساش ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چەت-ياقا رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، «ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ»، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەر ئاڭلىماققا ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىشى». جۇڭگو تەرەپ ئۆز زېمىنىدا تاشيول ياسىغاندا، ھىندىستان ئاتالمىش «بىخەتەرلىككە كۆڭۈل بۆلۈش»نى باھانە قىلىپ، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. ھازىر ھىندىستاننىڭ بۇنداق قىلىشى دەل يەنە بىر قېتىم ھىندىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىزچىل تىلى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى، ئۆز- ئۆزىگە زىت بولۇپ، ئالدى-كەينى بىردەك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  خۇا چۇنيىڭ: مەن شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكى تېخى بەلگىلەنمىدى. جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداشقا قوشۇلغان. ھىندىستاننىڭ غەربىي بۆلەكتىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدا ھەربىي مەقسەتكە ئىگە بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياسىشى جۇڭگو- ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىسىز. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر