باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قار ئەجدىھاسى» تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپ مەركىزىي يولىنى كېسىپ ئۆتتى

2017.08.25 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگونىڭ 8-قېتىملىق شىمالىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 2دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە «قار ئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپ مەركىزىي يولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز ئۈستى يېڭى يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان. بۇ جۇڭگو شىمالىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ۋە دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش، جۇڭگو قۇتۇپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. «قار ئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوتمۇ جۇڭگودىكى شىمالىي قۇتۇپ مەركىزىي يولىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كېسىپ ئۆتكەن پاراخوتقا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشچە، شىمالىي قۇتۇپ مەركىزىي يولى ــــ شىمالىي قۇتۇپ نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىدىكى شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئوچۇق دېڭىز سۇ دائىرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا دېڭىز ئۈستى سودا يولى بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىسى 2500 دېڭىز مىلى كېلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر