باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

122 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى كامبودژادىن ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى

2017.08.25 16:06   مەنبە: خەلق تورى

122 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى كامبودژادىن ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست كەچ سائەت توققۇزلا ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر – ساقچىلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى ئولتۇرغان ئىككى ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايرۇدرومىغا قوندى، 122 جىنايەت گۇماندارى ساقچى تەرەپنىڭ يالاپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چۈشتى.

  بۇ يىل 6-ئايدا، سىچۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كامبودژاغا بېرىپ، چېگرا ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىرىنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇردى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى لىنىيە بويلاپ ئىز قوغلاپ، قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ، 26-ئىيۇل چېگرا سىرتىدىن تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق 17 جىنايەتچىنى يالاپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  خىزمەت جەريانىدا، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كامبودژادىكى شۇ جاينىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئالدامچىلار ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ھاسىل قىلغان، گۇرۇھ ۋە رايون خاراكتېرلىك كەسپىي جىنايەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ساقچى تەرەپ دېلو تەھقىقلەش پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالداكامبودژا پوبې رايوندىكى تېلېگراف ئالدامچىلىرى جىنايەت ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلدى

  2-ئاۋغۇست، كامبودژا كۆچمەنلەر ئىدارىسى پوبې رايۇنىدا تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىدىن 122 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى. يان تېلېفون، تېلېفون، بانكا كارتىسى، كومپيۇتېر قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قورالىرىنى مۇسادىرە قىلدى، جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇنسىز ئېرىشكەن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسىنى پېچەتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى