باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سايرام كۆلىدىكى مۇھىت ئاسراش خادىملىرى سارام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كېچە-كۈندۈز قوغدىماقتا

2017.08.24 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش كۈز ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى، سەھەردىكى سارام كۆلىدە سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. ئەتىگەن سائەت 7 يېرىمدا قۇياش نۇرى كۆلگە چۈشۈپ تۇراتتى. مەنزىرىگاھتا ئولتۇرىدىغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بايا ۋە ئۇنىڭ ئايالى مەدشى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇلار ساياھەتچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن بۇ رايوننىڭ تازىلىقىنى قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.

  2012-يىلىدىن باشلاپ، بايا ئائىلىسىدىكىلەر سارام كۆلى بىلەن ھەمراھ بولدى. بۇندىن بۇرۇن بايا ئەر-ئايال دېھقانچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، يەنە مال دوختۇرلۇق پونكىتىدا يۇقۇم مۇداپىئەچىسى بولغا ئىدى. 2012-يىلى ئۇلار توردىن سارام كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، ئىككىيلەنلا بۇنىڭغا قاتنىشىپ تەكلىپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئوباغا قاراش، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەتراپى ۋە كۆل بويىدىكى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان مەسئۇل رايوننىڭ تازىلىق ئەھۋالىغا مەسئۇل بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سايرام كۆلى قۇرغاق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېگىزلىك يېپىق كۆلى بولۇپ، سۈيىنى ئۆزى پاكىزلاش ۋە ئۆزىنى-ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز ئىكەن،بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس ئىكەن، نەملىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەسلىگە قايتمايدىكەن ھەتتا يوقاپ كېتىدىكەن. 2013-يىلىدىن باشلاپ، سارام كۆلى يادرولۇق رايونى مەنزىرىگاھىدىكى 164 مىڭ 500 مو يايلاقتا چارۋا بېقىش مەنئى قىلىندى، بۇ يىل چارۋا بېقىش كۆلىمىنىڭ مەنئى قىلىنىش كۆلىمى 190 مىڭ 500 موغا كېڭەيتىلدى. يادرولۇق مەنزىرىگاھتىكى 600 ئائىلىلىك چارۋىچى، 120 مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ ھەممىسى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى،كۆل رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلدى.

  خىزمەت گەرچە جاپالىق بولسىمۇ،بايا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى يېڭى تۈس ئالدى. ئائىلە ئەھۋالى پەيدىن-پەي ياخشىلانغاندىن كېيىن، بايا ۋە ئايالى مەدشى 2013-يىلىدىن باشلاپ، تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىلىق قانۇن كەسپىدە ئوقۇدى ھەمدە بۇ يىل ئوڭۇشلۇق مەكتەپ پۈتتۈردى. ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى نايىنتامۇ پات ئارىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ.

  سايرام كۆلىدە بايا ۋە مەدىشىگە ئوخشاش كۆل مۇھىتىنى ئاسراش خادىمىدىن 19ى بار، ئۇلار سارام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كېچە-كۈندۈز قوغدىماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر