خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاۋغۇست سەھەردە، جۇڭگو ساقچى تەرەپ گۇاڭجۇ بەييۈن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فېرگۇسوننى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن ساقچى ئىدارىسى ۋەتىنىگە يالاپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى.
شۇ كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو ساقچى تەرەپ گۇاڭجۇ بەييۈن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فېرگۇسوننى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن ساقچى ئىدارىسى ۋەتىنىگە يالاپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى. بۇ، بۇ يىل ئايرىم - ئايرىم 6–ئاي ۋە 8- ئايدا ئامېرىكىغا ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىنكى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قوغلاپ تۇتۇش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر يېڭى نەتىجىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى