باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق

2017.08.25 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس دۇنيا ئىقتىسادى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى ئالمىشىش تەرەپكە ئۆتتى. قۇرۇلغىنىغا ئون يىل بولغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى بولسا %80 تىن ئاشتى.

  يەككىچىلىك خاھىشى، نارودنىكلىق (پۇقراچىلىق)، تېررورىزم، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرگەن بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى غەيرىي ھەرىكەتچانلىقتا تۇرماقتا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى، ئامېرىكىدا ترامپنىڭ يېڭى سىياسەت قوللىنىشى، ياۋروپا سايلىمى قاتارلىق ۋەقەلەر بۇياق بېسىقسا ئۇياق چىقىپ، يەرشارىلىشىش تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى جىددىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەك.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى تۈزەشكە قاتنىشىش ھەم دۇنيانى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى تەتۈر دۇنياۋىلىشىش پىكىر ئېقىمى ۋە يەككىچىلىك خاھىشى، نارودنىكلىق (پۇقراچىلىق) پىكىر ئېقىمى يامراپ كەتكەن، دۇنياۋىلىشىشتا بۇرۇلۇش بولۇۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم ئېلىشىدىكى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولى. دۇنيانى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى جەھەتتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپلا قالماي، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مەدەت بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى جەھەتتە دۇنيا پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىدىن (كېسەك ئالتۇن بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى پۇل مۇئامىلىسىنى تۈزەش سەۋىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر