باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقاتتى

ئۇچۇر ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش كېرەك

2017.08.25 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن ،گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئۇچۇر ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دەپ ئېلىنىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇچۇر ئىستېمالى نۆۋەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ جانلىق، تەرەققىياتى ئەڭ تېز، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇچۇر ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمىنى 6 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئىستېمال ساھەسىدىكى تۈرتكىلىك رولىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىپ، ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار ساھەلەر كىرىمىنىڭ 15 تىرىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇر ئىستېمالى بىلەن كەڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، «كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك. تور سۇپىسى ئاساسىدىكى يېڭىچە ئىستېمالنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانا ۋە خەلققە يۈزلەنگەن بىر گەۋدىلەشكەن جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تور بوشلۇقى قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، ئادىل، تەرتىپلىك ئۇچۇر ئىستېمال مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر