باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئۆي ئىجارىچىلىك دەۋرى باشلاندى

2017.08.24 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بېيجىڭ شەھىرى « بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى، نەنجىڭ شەھىرى« نەنجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىچىلىكىنى سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»نى چىقاردى، يۇقىرىقى ئىككى جايدىن باشقا يەنە گۇاڭجۇ، فوشەن، ۋۇخەن، شېنياڭ، جېڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارمۇ ئارقا ئارقىدىن ئالاقىدار لايىھەلەرنى چىقاردى، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى ئۆي ئىجارىچىلىك سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 12 شەھەر تەدرىجىي ئۆي ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش دەۋرىگە كىرىپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇ ساھەدىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىچىلىك دەۋرى باشلاندى، ئىجارە بازىرى، پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش كۆزقارىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۆي سېتىۋېلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىجارە ئۆي ئېلىپ تۇرۇشنى قوبۇل قىلىش دەۋرى تەدرىجىي باشلاندى.

  بۇ يىل 5-ئايدا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى« ئۆي ئىجارىچىلىكى ۋە سېتىشنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دىن ئاشكارا پىكىر ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجارە ھەققى، ئىجارە مۇددىتى، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  7-ئايدا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 9 مىنىستىرلىق، كومىتېت« نوپۇس كۆپلەپ كىرىدىغان چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، نەنجىڭ قاتارلىق 12 شەھەرنى تاللاپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئۆي ئىجارىچىلىكى سىنىقى ئېلىپ باردى.

  ۋەنكې گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى يۇ لياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپى يېڭى بىر باسقۇچقا ھەقىقىي كىرىپ كەلدى، ئىجارە بازىرىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ، مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى سەپتىكى ۋە بەزى ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ۋەنكې، ۋاندا قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى باشقۇرۇشىدا تەسىس قىلىنغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە تۈزۈمىدىكى ياتاق تۈرىدىن باشقا ليەنجيا، ۋوئەيۋوجيا قاتارلىق ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچى شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان تۈرلۈك ياتاقلار، شۇنداقلا نۇرغۇن ئاپپاراتلار ئۆي ئىگىسى بولغان مۇستەقىل ماركىلىق ياتاقلار بارلىققا كەلگەن.

  دانكې ياتىقى دېگەن ماركىنى ياراتقۇچى گاۋ جىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ياشلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىجارە بازىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاشكارا بولغان ئۆي ۋاسىتىچىلىك ئۇچۇرىنى ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىجارە بازىرى ئۇچۇرىنى ئوچۇق ئاشكارا مۇھىتقا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىمۇ مۇلازىمەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ياساپ، ئۆي مەنبەيى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىجارە بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە كېڭەيتىپ، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنى ياخشى تەسىراتقا ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر