باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئۇددا بەش يىل دۇنيادىكى 1- چوڭ ماشىنا ئادەم ئەمەلىي قوللىنىش بازىرى بولۇپ قالدى

2017.08.24 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان 2017-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوبىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئۇددا بەش يىل دۇنيادىكى 1- چوڭ ماشىنا ئادەم ئەمەلىي قوللىنىش بازىرى بولۇپ قالدى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تاۋۇش ئايرىش، سۆرەت ئايرىش قاتارلىق تېخنىكىلىرى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. لېكىن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مول ئەمەس، كەسىپ كۆلىمى ئومۇمەن كىچىك، شۇنداق بولغانلىقتىن، ئېلىمىزنىڭ ماشىنا ئادەم كەسپى بازىرى بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ كۆلىمى تۇنجى قېتىم 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 6 مىليارد 280 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. يېقىنقى بەش يىلدا كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاساسەن %20تىن يۇقىرى بولۇپ، يەر شارى ماشىنا ئادەم كەسپى كۆلىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر