باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ بايقىشى:

شيۇڭئەن رايونى قۇرۇلۇش قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن

2017.08.24 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- چېسلا، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى، خېبېي ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى ۋە ئۆلكىلىك گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى 1 - باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى تاپشۇرۇش دوكلاتى ۋە تۆت تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ مەزكۇر يىغىندىن ئىگىلىشىچە، ئىككى ئاي داۋاملاشقان بۇ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى 1- باسقۇچتا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر رايوندىكى قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قۇرۇلۇشقا ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكى بايقالغان، مۇقىم بولغان مەيدان ۋە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان مەيداننىڭ ئىگىلەش نىسبىتى %89.5گە يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر رايون قۇرۇلۇش قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن.

  نۇقتىلىق تەكشۈرۈش رايونىنىڭ يەر ئاستى بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش شارائىتى ئەۋزەل بولۇپ، ئۇ مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىشقا مۇۋاپىق ئىكەن. نۇقتىلىق تەكشۈرۈش رايونىنىڭ تۇپراق مۇھىتى پاكىز بولۇپ، كۆپ قىسىم تۇپراقتا ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش يوق ئىكەن. تۇپراقنى تازىلاش رايونىنىڭ كۆلىمى %99.3كە يەتكەن. يەر ئاستى سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، تېيىز قاتلامدىكى %38 يەر ئاستى سۈيىنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىشقا بولىدىكەن؛ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى %40 سۇنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىشقا بولىدىكەن؛ چوڭقۇر قاتلامدىكى %75 يەر ئاستى سۈيىنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىشقا بولىدىكەن؛ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى %20 سۇنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىشقا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر