باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە تەرەپ ئاپتوموبىل بىلەن ھەربىيلەرنى سوقۇش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى

2017.08.24 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 23- چېسلا، پارىژنىڭ جۇمھۇرىيەت تەپتىش ئەمەلدارى فورانسوۋا موراي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىدا، مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھەربىيلەرنى سوقۇش ۋەقەسىنى «بۇ، يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش بولۇپ، تېررورلۇق خاراكتېرىگە ئىگە.» دېدى.

  8- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئاپتوموبىل پارىژ شەھەر سىرتىدا قاراۋۇل ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەربىيلەرگە قاراپ يۈرۈپ كېلىپ، ئۇ ھەربىيلەرنى قەستەن سوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە نەپەر ھەربىينى يارىلاندۇرغان. جىنايەت گۇماندارى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغانلىقتىن، ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تېخى سوراقنى قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى بۇ يىل 36 ياش بولۇپ، ئالجىرىيەلىك ئىكەن. ساقچى تەرەپ گۇماندارنىڭ يان تېلېفون ۋە تۇرالغۇ جايىغا تېخنىكىلىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، گۇماندارىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ھەمدە سۇرىيەگە بېرىش ئويى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. موراي مۇنداق دېدى: جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر