باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسىرى ــ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە نەشرى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى

2017.08.24 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو چەتئەل تىلى ئىدارىسى قارمىقىدىكى چەتئەل تىلى نەشرىياتى تەرجىمە ۋە نەشر قىلغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە نەشرى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 24-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ناملىق كىتاب ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي ئەسىرى بولۇپ، كىتابقا شى جىنپىڭنىڭ 1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە ج ك پ نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماقالىسىدىن 29ى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە شى جىنپىڭنىڭ نىڭدېدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى 6 خىزمەت سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 رەڭلىك سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن.

  كىتابتا شەرقىي فۇجيەن رايونىنىڭ قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، تېز تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت باش تېما زىچ چۆرىدەلگەن بولۇپ، بىر قاتار تۈزۈم، ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شەرقىي فۇجيەن رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن. بۇ كىتاب ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە مول ۋە چوڭقۇر، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق ۋە سەمىمىي، ناھايىتى يۇقىرى نەزەرىيەۋى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن تومۇرداش ھەم ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ كىتاب يولداش شى جىنپىڭنىڭ نىڭدېدا ئىككى يىل جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ جاپالىق رايونلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەشتىكى قەتئىي غايە، ئېتىقادى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھېسسىياتى گەۋدىلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نەشرىنى فۇجيەن خەلق نەشرىياتى 1992-يىل 7-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان، ھەم 2014-يىل 8-ئايدا قايتا نەشر قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر