- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
7-سېنتەبىردىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدۇ
2017.08.24 14:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
7-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدۇ.
مۇخبىرىمىزنىڭ 23-ئاۋغۇست جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا كۈنىگە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىدىكەن. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياتسىيە نومۇرى CZ8535/6 بولۇپ، بۇنىڭغا «بوئېنB738 » تىپلىق ئايروپىلان سەپلىنىدىكەن، بېرىش - كېلىشتە جەمئىي 300 ئورۇن تەسىس قىلىنىدىكەن.
خاڭجۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ كۆپەيتىلىشى ئىككى جاينىڭ سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر