باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ

2017.08.24 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كونىلاردا يىلاننى ئۇرساڭ ئەجەللىك يېرىگە ئۇر، زىيانداشنى يوقاتساڭ يىلتىزىدىن يوقات، دېگەن گەپ بار. ئۇزاقتىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەدەپ تارىخ ئىنكارچىلىقى قىلىپ، بىر يۈرۈش سىستېمىلىق، ئەكسىيەتچىل ئىدىيە سىستېمىسىنى توقۇپ چىقتى، ئۇ بىر قىسىم ئامما ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇلغىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ‹‹جاھىل كېسەل››گە ئايلاندى. بىز جەڭگاھقا ئاتلىنىش جاسارىتى ۋە جەڭچىدەك ئاتاكىغا ئۆتۈش ھالىتى بىلەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، زەھەرلىك يىلاننى ئۆلتۈرۈپ، زىيانداشنى يوقىتىپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى تازىلاپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشتا يىلتىزلىق مەسىلىلەرنى توغرا تېپىش ۋە چىڭ تۇتۇش كېرەك. يىلتىز دېگىنىمىز شەيئىنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كەينى–كەينىدىن يۈز بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال–مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھەر قېتىمقى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىزنالىرىنى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى تاپالايمىز. ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن يوقاتمىساق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ ۋە يامراپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى، بولۇپمۇ بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى كەچۈرمىگەن، جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدىغان، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدۇ. بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشتىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىمۇ ۋاقىتلىق بولۇپ قالىدۇ، مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا بىز دىققىتىمىزنى شىنجاڭنىڭ بۇرمىلانغان، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، خاتا بولغان تارىخ، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ، قادىلىپ تۇرۇپ، بېسىم ھالىتىدە قېزىپ چىقىشىمىز، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تېگى–تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەنبەسىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى توغرىلاپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يامان كەيپىياتنى يوقىتىپ، توغرا يولغا سېلىشىمىز كېرەك. بۇ، ھازىرقى جىددىي ئىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان، شۇڭا ئۇنى چىڭ، پۇختا، مەھكەم، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشتا خاتا گەپ–سۆزلەرگە كەسكىن رەددىيە بېرىش، ئۇنى سېسىتىش كېرەك. رەئىس ماۋزېدۇڭ ئىلگىرى: ‹‹ئەكسىيەتچىل نەرسىلەرگە زەربە بەرمىسەك، ئۆزى يوقالمايدۇ. ئۇلار خۇددى يەردىكى چاڭ–توزانغا ئوخشايدۇ. چاڭ–توزان سۈپۈرمىگىچە ئۆزلۈكىدىن يوقالمايدۇ›› دېگەن. شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولغىلى ئۇزاق بولغان بولۇپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ھەر خىل خاتا پىكىر ئېقىملىرى گىرەلىشىپ كېتىپ، بارغانسېرى ئەۋج ئالدى. بۇ، بىزدىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ‹‹يوقىتىش جېڭى››نى قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تاكتىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستىھكام جېڭى، مۇھاسىرە جېڭى ئارقىلىق خاتا پىكىر ئېقىمىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك قورشاپ يوقىتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ تارىخ مەسىلىسىدە شىنجاڭ ‹‹شەرقىي تۈركىستان››، ‹‹قەدىمدىن تارتىپلا مۇستەقىل دۆلەت››، ‹‹جۇڭگو ئەسلىدە <شەرقىي تۈركىستان>دىكى مىللەتلەرنىڭ 3000 يىللىق دۈشمەن دۆلىتى ئىدى›› دەيدىغان خاتا قاراشقا؛ مىللەت مەسىلىسىدە ‹‹تارىختا ئۇيغۇرلار جۇڭگو سىرتىدىكى مۇستەقىل مىللەت ئىدى››، ‹‹بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈركىي مىللەت››، ‹‹ئۇيغۇر دېگەنلىك تۈرك دېگەنلىك›› دەيدىغان خاتا قاراشقا؛ مەدەنىيەت مەسىلىسىدە ‹‹ئۇيغۇر دېگەنلىك ئىسلام دېگەنلىك، ئىسلام دېگەنلىك ئۇيغۇر دېگەنلىك››، ‹‹ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىغان››، ‹‹<قوش تىل> مائارىپىنى يولغا قويغانلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغانلىق›› دەيدىغان خاتا قاراشقا؛ دىن مەسىلىسىدە ‹‹دىن ھەممىدىن ئەلا››، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان خاتا قاراشقا زور كۈچ بىلەن رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارقاتقان تۈرلۈك سەپسەتىلەرنىڭ قىلچە تارىخ ساۋاتى، مەدەنىيەت ساۋاتى يوق، تارىخقا پۈتۈنلەي خىلاپ پىكىر ئېقىمى ئىكەنلىكىنى؛ بۇنداق خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ كەينىگە سىياسىي غەرەز ۋە رەزىل نىيەت يوشۇرۇنغانلىقىنى؛ مالىمانچىلىق ئاپەت، مۇقىملىق ئامەت دېگەن قائىدىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ھەقىقەت نۇرى بىلەن ھەر بىر قەلبنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خاتا پىكىر ئېقىمىنى يىلتىزىدىن قېزىپ چىقىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، توغرا قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ئېنگلىس: ‹‹تارىخ بارلىقىمىز›› دېگەن. ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىنى توغرا تەتبىقلاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قەيەرگە بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تۈپ تونۇشقا ئىلمىي جاۋاب بېرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقىغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا، جۇڭخۇا نەزەرى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنى شىنجاڭ تارىخىغا توغرا قاراش ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ‹‹شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى››، ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قانداش ئەزاسى››، ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى››، ‹‹شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون›› دەيدىغان ئاساسىي قاراشنى جەزمەن ئېنىق شەرھلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت كۈچى››نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، مۇقىم قىلىش، تىنچ قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر