باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىشىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

2017.08.25 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا «مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دەپ ئېلىنىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مەركەز مالىيەسى ياردەم مەبلىغىنىڭ چىقىم يۆنىلىشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى يېزا ئىگىلىك ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتكە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ياردەم مەبلىغى. بۇنىڭدا، ئاپەت يۈز بېرىش ئەھۋالى، سانى، كىشىلەر ۋە مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن پەۋقۇلئاددە چوڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چىقىمى پەۋقۇلئاددە زور گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەندە جىددىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئاپەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاپەتتىن كېيىنكى ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىنچى قېتىملىق ئۆلۈش-يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان مەلۇم مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش، ئەتراپتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئېنىقلاش، كىشىلەرنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەش، خەتەرنى تۈگىتىش ۋە ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى، نەق مەيداننىڭ قاتناش، ئارقا سەپ تەمىنات ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چىقىمىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكىلەر مەلۇم قىلغان ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقىغا مەبلەغ تەقسىملەش پىكرى بېرىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تەقسىملەپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنىڭ تەلىپىنى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، مۇداپىئەلىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى نامايان قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق، زېمىن-بايلىقى تارماقلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش، تەقسىملەش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەقسىملەش ياكى ئىشلىتىش قىلمىشى شۇنداقلا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار بايقالسا، ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر