خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يىراق ئوكيان مەشىقى قىلماقتا.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې داشياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دائىملاشقان يىراق ئوكيان مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، بۇ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نورمال ئېھتىياجىدۇر. «قانداق توسقۇنلۇقلارغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا مەشىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ مەيلى كىم بىلەن بىللە ئۇچسۇن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى يەنىلا كۆپرەك ئۇچىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى