- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ساما كەپتىرى» ناملىق تەيفېڭ بورىنى گۇاڭدۇڭدا توققۇز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
گۇاڭشىدا ئاپەت تۈپەيلىدىن توك توختىغان %75 توك ئىشلەتكۈچىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىنىشى ئەسلىگە كەلدى
2017.08.25 15:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش باش ئىشتابى 24-ئاۋغۇست كەچتە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، گۇاڭدۇڭدا «ساما كەپتىرى» ناملىق تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى توققۇزغا يەتتى، دېدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، بۇ يىل 14-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە شەكىللەنگەن بولۇپ، بەلكىم 8-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە بىر قېتىم گۇاڭدۇڭدا قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.
«ساما كەپتىرى» ناملىق تەيفېڭ بورىنى جۇخەي، جۇڭشەن، جياڭمېن قاتارلىق جايلارنى ئاپەتكە ئۇچراتتى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 24-ئاۋغۇست سائەت 15كىچە، پۈتۈن ئۆلكىدە ئاپەت سەۋەبىدىن توققۇز ئادەم ئۆلگەن، 6425 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 750 مىڭ موغا يەتكەن.
نۆۋەتتە، «ساما كەپتىرى» ناملىق تەيفېڭ بورىنى يۈننەن چېگراسى ئىچىدە يۆتكەلگەن بولۇپ، كۈچى سىجىل تۆۋەنلىدى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8- ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇنىڭغا نومۇر بېرىشنى توختاتتى.
داۋاملىق جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە گۇاڭشى ئېلېكتېر تورىنىڭ 319 يۈرۈش 10 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىم يولى، 8276 ئىستانسىسى رايونى ۋە تەسىرگە ئۇچراپ توك توختىغان 464 مىڭ خېرىدارنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. توك بىلەن تەمىنلەش تېخى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن سىم يولى ۋە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا، گۇاڭشى ئېلېكتىر تورى شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى جىددىي تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر