سۈرەتتە: 24-ئاۋغۇست، بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باخىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى سالۋادوردا قۇتقۇزۇش خادىملىرى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرغان بالىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئەتىگەن بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باخىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى سالۋادورغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا بىر يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، 22 ئادەم قازا قىلدى.
سۇ تىرانسپورتى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6:30 ئەتراپىدا، بۇ پاراخوت ۋېراكرۇز پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى ساھىلدا چۆكۈپ كەتكەن. بۇ يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ سىغىمى 160 كىشى بولۇپ، ئەمەلىي 129 كىشىنى سالغان، نۆۋەتتە 22 كىشى قازا قىلدى، 21 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە. ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن .
بۇ، مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بىرازىلىيە چېگراسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى .
22- ئاۋغۇست كەچتە، بىر يولۇچىلار پاراخوتى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پارا ئىشتاتىنىڭ خىڭكو دەرياسى سۇ رايونىدا چۆكۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 19 ئادەم قازا قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى