باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا ئېلان قىلىندى

2017.08.25 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا جىنەندە ئېلان قىلىندى. «خۇاۋېي»، «سۇنىڭ»، «ۋېيچياۋ» ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى.

  2017-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىدە، ئالتە كارخانىنىڭ 2016-يىللىق تىجارەت كىرىمى 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بىرىنچى سەپنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار «خۇاۋېي» مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، «سۇنىڭ» پاي كونترول گۇرۇھى، شەندۇڭ «ۋېيچياۋ» ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «خەيخاڭ» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «جېڭۋېي» خەلقئارا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «لىيەنشياڭ» پاي كونترول چەكلىك شىركىتى.

  «خۇاۋېي» مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا ۋە 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا ياسىمىچىلىقى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. «سۇنىڭ» پاي كونترول گۇرۇھى 100 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە ئۇدا 1-ئورۇندا تۇردى. تىزىملىكتىكى 2016-يىلى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانىلار 50 كە يېتىپ، 2015- يىلىدىكىدىن 16سى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %47.05 بولدى. «خېڭدا» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1 تىرىليون 350 مىليارد 868 مىليون يۈەنلىك كۆلىمى بىلەن مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر