باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا شەھىرى

ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش

2017.08.25 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئېلان قىلغان «2015– 2017- يىل دەۋرىدىكى مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر (رايون)غا نام بېرىش توغرىسىدا قارار »دا بورتالا شەھىرى «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر»دەپ رەسمىي نام بېرىلدى.

  بۆرتالا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. 2013- يىلى، بۆرتالا شەھىرى دۆلەتلىك پاكىز شەھەر بەرپا قىلىشنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۆرتالا شەھىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «ئەڭ پاكىز، ئەڭ گۈزەل» شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەلىپى بويىچە، يۈرۈشلۈك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر ئۆلچىمى»نى زىچ چۆرىدەپ، شەھەر مۇھىت تازىلىق سۈپىتى ۋە ياشاش مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئامما كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پاكىز شەھەر بەرپا قىلىشقا قاتناشتۇرۇپ ۋە ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇرۇپ، بۆرتالا شەھىرىنى تەرتىپلىك باشقۇرۇلغان، مۇھىتى گۈزەل، تۇرمۇشى راھەت ۋە جەمئىيەت ئىناق بولغان دۆلەتلىك پاكىز شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر