باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئالدىن تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ باراۋەر، ئادىل بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك

2017.08.25 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيداندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى تېز يېڭىلاندى، لېكىن كارخانىلارنىڭ بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى، شۇنداقلا ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشمۇ ناھايىتى جىددىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرى بازار ئىجازىتىنى ئالدىن تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تېخنولوگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلات تۈرىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، بازارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجازەتنى باشقۇرۇشتا نۇقتىنى بىخەتەرلىك خەۋپى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت كۈچنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى پاناھسىز قالدۇرۇپ، يەنىمۇ باراۋەر، ئادىل بازار مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىق سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر