باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

2017.08.28 14:36   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندە، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇنلار ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شۇنىڭدك بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەنتەربىيە ئىشلىرىغا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى يۈكلەنگەن. تەنتەربىيە ئىشلىرى كۈچەيسە، جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت تەنتەربىيەسى گۈللەنسە، تەنتەربىيە ئىشلىرى روناق تاپىدۇ. تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  سائەت 11 ئەتىراپىدا، شى جىنپىڭ تيەنجىن مېھمانخانىسى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەندە، زالدا قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىز تەنتەربىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ماھارەت تەنتەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تەنتەربىيە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كۆپچىلىك جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ئاددىي تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى