باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك

2017.08.25 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ نازارەت قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمەت تەلىپى ۋە شۇجى چېن چۈەنگونىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىرنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىرى ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر–بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى بېجىرىپ، ئۆزى تەتقىق قىلىپ ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارغا دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. تارماقلار، ئورۇنلار ئامما پاش قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەممە ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاساسىي قاتلاملاردا كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى رازى قىلىشى كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرسىز، ھەرىكىتى ئاستا، تەدبىرى كونكرېت بولمىغان ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلار ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، يول قويماسلىقى كېرەك.

  8–ئاينىڭ 11–كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك، ئاكتىپ پوزىتسىيە، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ ۋە ھەرمىللەت ئامما ھەل قىلىشقا تەقەززا بولۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتە قەتئىي، ئەمەلىي بولۇشقا تىرىشىپ، مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. 8–ئاينىڭ 24–كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 13 تۈركۈمدە 834 ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 235 پارچە ئەرزىيەت خېتىدىكى مەسىلىنى بېجىرىپ يوللىدى، 152 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى، 74 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بېرىلىپ، جازا سوممىسى 8 مىليون 782 مىڭ 529 يۈەنگە يەتتى، 3 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى، 36 كىشى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىلىپ، 88 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان باشقا ئەرزىيەت خەتلىرى بېجىرىلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر