باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى

2017.08.28 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى-ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ماركىسىغا ئايلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.

  بۇ يىل 7-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىدىكى 69 يۇرتداش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى. ۋوگزالدا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بالدۇرلا كېلىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۆز سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۈچ تۈركۈمدە 700 گە يېقىن ئادەمنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. كۆپچىلىك كەنت يوللىرىنى ياساش، ئۈزۈملۈك، قوتان سېلىش ئارقىلىق يۇرتداشلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى مەركىزىي شەھەرگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىمۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، جايلار بەرپا قىلىش پائالىيىتى بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈردى. گۈيجۇ ئۆلكىسى ۋېينىڭ يىزۇ، خۇيزۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يېنا بازىرى ۋۇشىڭ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، تامدىكى قولدا ئىشلەنگەن «ۋۇشىڭ كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ۋۇشىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى رېنبىڭ بۇ خەرىتىنى ئۆز قولى بىلەن ئىشلىگەن، بۇ خەرىتە كەنتتە تۇرۇشلۇق ياردەم ئەترىتىنىڭ خىزمەت قوللانمىسى بولۇپ قالغان. يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى ۋۇمېڭ تاغلىق رايونىنىڭ مەركىزىدىكى خېجاڭ ناھىيەسى خەيچۆ كەنتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قولدا ئىشلەنگەن خەلقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەرىتە بار. بۇ كىچىك خەرىتىگە چوڭ خەلق تۇرمۇشى كەشتىلەنگەن بولۇپ، خەرىتىدىكى ھەر بىر بەلگە «ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش»تىكى مۇستەھكەم كۈچنى نامايان قىلغان.

  بۇندىن باشقا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇردى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ پۈتكۈل خىزمەت ئومۇملىقىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ بېيىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئادىمىيەتلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جىلىن ئۆلكىسى يېڭى تاراتقۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىدا ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىپ، مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەر ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلدى؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇقلۇق، دېڭىز چېگراسىنىڭ 1-سېپىدىكى مەمۇرىي كەنتلەر ۋە 59 مىللىي يېزا، 597 مەمۇرىي كەنتتە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق «دۆلەت بايرىقى قۇرۇلۇشى» نۇقتىسىنى قۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزدى؛ چىڭخەي ئۆلكىسى زاڭزۇلار رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىبادەتخانىلارغا ئېلىپ كىرىشكە پائال تۈرتكە بولدى.

  2014-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، 1496 ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخس تەقدىرلەندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىش، دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تەقدىرلەش، مۇكاپاتلارنى يولغا قويۇش-مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم چارىسى ھەم ۋاسىتىسىغا ئايلاندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارمۇ باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت تۈركۈمدە 466 ئورۇنغا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن، بەش تۈركۈمدە 165 بازىغا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىدىكى تەربىيە بازىسى دېگەن نامنى بەردى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلەرنى باھالاش، تەقدىرلەشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلغارلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئىلغارلارغا يېتىشىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر