- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
2017.08.28 14:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئاۋغۇست ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. دۆلەت ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە قىسمەن دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋىي كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا يەنىلا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىز ياسىمىچىلىقى يەنىلا خەلقئارا ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چوڭ ئەمما ئاجىز بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك، ياسىمچىلىقنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسى تەخىرسىز، شۇنداقلا بۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025نى تۇتقۇ قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكىنى شاللاپ، يېڭى ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك، كارخانىلار سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلات تۈرى، سۈپىتى، ماركىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا سەۋىيە بىلەن پائال سېلىشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ماركا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىغا داڭلىق تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ماركىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىتنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك، ئىلگىرى چىقىرىلغان باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، ياسىمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مالىيە باج سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، خەتەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر