باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 4پۇقراۋى كارخانا جۇڭگودىكى2017–يىللىق 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىغا كىردى

2017.08.25 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تورىدا 8–ئاينىڭ 24–كۈنى جۇڭگودىكى 2017–يىللىق 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ تۆت كارخانىسى بۇ تىزىملىككە كىردى.

  شىنجاڭنىڭ تىزىملىككە كىرگەن كارخانىلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(19–ئورۇندا)، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(92–ئورۇندا)، بىڭتۈەن 8–شىسىنىڭ تەڭرىتاغ ئاليومىنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (264–ئورۇندا)، بىڭتۈەن 6–شىسىنىڭ ئاليومىنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(326–ئورۇندا)دىن ئىبارەت.

  مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016–يىلى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىغا كىرىش شەرتى 12 مىليارد 52 مىليون يۈەن بولۇپ، 2015–يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 877 مىليون يۈەن ئاشقان. 2011–يىلى بۇ شەرت پەقەت 6 مىليارد 569 مىليون يۈەن بولۇپ، 5 يىلدا 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا قاتارىغا كىرىش شەرتى بىر ھەسسە دېگۈدەك ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. 2016–يىلى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تاپشۇرغان باج ئومۇمىي سوممىسى 799 مىليارد 575 مىليون يۈەن بولۇپ، 2015–يىلىدىكىدىن %24.53 ئېشىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. 2016–يىلى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئىشچى–خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 8 مىليون 881 مىڭ 700 بولۇپ، 2015–يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.40 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %1.14ىنى ئىگىلىگەن. شىنجاڭدا پۇقراۋى كارخانىلار ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينىغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىساد شىنجاڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلىگەن؛ ئەلئارا سېلىنما ئاپتونوم رايونىمىز پۈتكۈل جەمئىيەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تەخمىنەن %40ىنى ئىگىلىگەن؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىگەن، پۇقراۋى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر