باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنمىدى، داڭلىق چولپانلار تيەنجىنگە جەم بولدى

2017.08.28 14:46   مەنبە: خەلق تورى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنمىدى، داڭلىق چولپانلار تيەنجىنگە جەم بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 27-ئاۋغۇست تيەنجىندە باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 33 چوڭ تۈر، 417 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي تەخمىنەن 10 مىڭ 200 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش، تېننىس، رۇداۋ، يېنىك ئاتلېتىكىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلەردىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنپەئەت ئامىللىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال، مېدال تاختىسى تەسىس قىلىنمىدى، لېكىن ئالتۇن مېدالغا يوشۇرۇنغان باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش بولمىسا بولمايدۇ، ئالتۇن مېدال ئارقىسىدىكى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش، پەن-تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن تۈرلەردە مەيلى چولپانلار، يېڭى يېتىشىپ چىققانلار ياكى ماھارەت جەھەتتىن ھەممىسىگە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  شەھەرلەرنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىدە «ئەرلەر پۇتبولچىلىقى شەھەرلەر گۇرۇپپىسى» يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، چولپان توپچىلار يوق بولسىمۇ، لېكىن «ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى» ئىدىيەسى تېخىمۇ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 20 ياشتىن تۆۋەنلەر گۇرۇپپىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېشى ماس كېلىدىغان توپچىلىرى بولۇپ، جۇڭگو ئەرلەر 20 ياشتىن تۆۋەنلەر پۇتبول كوماندىسىنى تاللاشتا 11-ئاينىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە 4-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىچىدىكى غەربىي جەنۇب رايونى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پىلانلاندى. قايسى ماھىرنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ تىرېنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  بىر نۆۋەتلىك دۇرۇس، قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئىستىلى ۋە مۇسابىقە ئىنتىزامى ھەمدە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، «ئالتۇن مېدال ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان نەتىجە قارىشى قەتئىي توسۇلۇپ، ۋاسىتە تاللىماي ئادىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ھوقۇقنى ئاساس قىلىدىغان ئالتۇن مېدال قارىشى چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسابىقە ھوقۇقىدىن سەۋەبسىز ۋاز كەچمەسلىك، مۇسابىقىدە جېدەل چىقارماسلىق، مۇسابىقىنى رەت قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى. روھلاندۇرۇش دورىسىنى تەكشۈرۈش 2900 قېتىمغا يېتىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى تەكشۈرۈش سانىدىن %12.6 ئېشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى تەكشۈرۈش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى