باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2-نۆۋەتلىك ئافغانىستان، جۇڭگو، پاكىستان، تاجىكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.28 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك ئافغانىستان، جۇڭگو، پاكىستان،تاجىكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى 27-ئاۋغۇست تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ھەر قايسى تەرەپلەر دوستانە ۋە ئىجابىي كەيپىياتتا، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە تۆت دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، بىر بىر بىلەن بولغان چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۇرۇپ،ھەر قايسى قاتلاملار، ساھەلەردىكى ھەربىي ئىشلار ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۆت دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر