باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەخىنداۋا خەۋىرى ئورمانچىلىق سىستېمىسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.28 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  55 يىل داۋامىدا ئۈچ ئەۋلاد سەخىنداۋالىقلار ئىلگىرى قۇشمۇ بارمايدىغان، قاقاسلىقتا مىليون مو سۈنئىي ئورمانلىق بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن تيەنجىننىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسىقىغا ئايلاندۇرۇپ، دەۋرگە مۇناسىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈلگىسىنى ياراتتى. يېقىندا مەركەز ۋە يەرلىكتىكى تاراتقۇلار بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن ئورمانچىلىق سىستېمىسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر سەخىنداۋادىن ئىبارەت بۇ ئۈلگىنى كونكرېت ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى خۇيئەنچى كۆلى دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى لى ماۋجىن سەخىندالا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق تۆلىگەن بەدىلىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىردەمدىلا ئىشقا ئاشمايدۇ، ئۇزۇن مەزگىل تىرىشىپ ئىشلەش، ئاز ئازدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  سەخىندالا ھېكايىسى كۆپلىگەن ئورمان ئەھيا قىلغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىمىزنى ئەينەك بىلەن تەمىنلىدى. ئىچكى موڭغۇل يابۇلاي قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ باشلىقى شى فۇنيەن مۇنداق دېدى: سەخىندالانىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىشى تەبئىيەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىلمىي ئورمان ئەھيا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش بولدى.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى چىشۈي شەھىرى خۇشىلىن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى لى سىجىڭ مۇنداق دېدى: سەخىندالا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا ئارقىلىق ئورمان ئەھيا قىلىش ۋاسىتىسى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى. بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ سەخىندالا ئورمانچىلىق مەيدانىغا توغرىلىنىپ، تەدرىجىي ئىلىمى چارلاش، ئورماننى دەل مۇھاپىزەت قىلىش، كەسپى ئورمان يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر