- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باۋدىڭ شەھىرىدە خېبېينىڭ رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلىدۇ
2017.08.28 14:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، باۋدىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 25-ئاۋغۇست داۋالاش سەھىيە ماسلاشما تەرەققىيات كېلىشىمى ئىمزالىدى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، بېيجىڭ خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرىنى رايون داۋالاش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەدەت بېرىدۇ، باۋدىڭ شەھىرى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى شۇ جايدىكى داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش سەھىيە ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نىشانلىق، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق رايون داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر