باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە داغدۇغىلىق باشلاندى، شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.08.28 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ تيەنجىن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ تيەنجىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى رەڭگارەڭ چىراقلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرگەن، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، گۈمبۈرلىگەن دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

  سائەت 19 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. پۈتكۈل مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  سائەت 20دە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. جۇشقۇن، يېقىملىق «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن مىلۇدىيەنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ھىمايە قىلىپ ماڭغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى سالماق قەدەم تاشلاپ تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. نەق مەيداندا «تەنھەرىكەتچىلەر مارشى» مۇزىكىسى قويۇلدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 100 بايراقچىدىن تەشكىللەنگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايراقچىلار چاسا ئەترىتى، رېپىر ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى رەئىس سەھنىسى تەرەپكە قاراپ كەلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا 38 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى كەلدى، ئۇلار ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئازادلىق ئارمىيە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۈچ كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيىتىدىن كەلگەنىدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك ۋە شادلىق سادالىرى بىلەن تەنھەرىكەتچىلەرنى قارشى ئالدى.

  مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، لەرزان لەپىلدىدى.تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەردىكى 16 مىليون خەلققە ۋاكالىتەن مېھمانلار، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تېرىنېرلار، رېپىرلارنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې جۇڭۋېن ئېچىلىش مۇراسىمى نۇتقى سۆزلەپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان تيەنجىن شەھىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى!، دەپ جاكارلىشى بىلەن پۈتكۈل مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، چاۋاك ۋە شادلىق ئاۋازى ئۈزۈلمىدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسىنىڭ مىلودىيەسىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر