باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى بانكا خىزمەتچىلىرى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىش تاشلىدى

2017.08.25 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 22- ئاۋغۇست ھىندىستاندا بىر مىليونغا يېقىن بانكا خىزمەتچىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىش تاشلاشقا قاتنىشىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى چىقارغان بانكىنى ئىسلاھ قىلىش تۈزۈمىگە ئېتىراز بىلدۈردى؛ بۇنىڭ تەسىرىدە ھىندىستاندىكى ھۆكۈمەت بانكىلىرى بۈگۈن زور كۆلەمدە پالەچ ھالەتتە چۈشۈپ قالدى ، كۆپلىگەن دۆلەت بانكىلىرى داۋاملىق تاقالدى.

  ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22- ئاۋغۇست ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بانكا سىياسىتىگە نارازى بولغانلىقتىن ھىندىستاندىكى بىر مىليونغا يېقىن بانكا خىزمەتچىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى چوڭ ئىش تاشلاشقا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت بانكىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ، بانكىلارنى قوشۇۋېتىش قالايمىقان ھادىسىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. بانكىنىڭ ناچار مەبلەغنى ھېسابتىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرغان.

  بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئىش تاشلاشنىڭ تەسىرىدە كۆپلىگەن دۆلەت بانكىلىرى داۋاملىق تاقالدى، بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ۋە قويۇش، پۇل چېكىنى راست چوت قىلىش، چېگرا ئاتلاپ ھېساب يۆتكەش قاتارلىق كەسىپلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇنىڭغا قارىتا ھىندىستان بانكا جەمئىيىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بانكىلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ بانكا تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ زەربە ۋە تەسىرگە ئۇچرىشىشىنى ئىمكان قەدەر يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىشچىلارنىڭ زور كۆلەمدە ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى ھىندىستاندىكى بانكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە مۇنبىرى قوزغىغان. بۇ ئاپپارات ھىندىستاندىكى توققۇز بانكا بىلەن بىرلەشمە ئىتتىپاق تەشكىللىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى ئەمگەك ئىدارىسى بىلەن بولغان مۇرەسسە مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئىش تاشلاش يولىنى تاللىدۇق. ھۆكۈمەت بىلەن بانكا بىزگە ھېچقانداق كاپالەت بەرمىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىق تەكلىپلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق جاۋابىغا ئېرىشەلمىدى، شۇڭا 22-ئاۋغۇستنى كوللېكتىپ ئىش تاشلاش كۈنى قىلىپ تاللىدۇق.

  مەزكۇر ئاپپارات مۇنداق دېدى: بانكا خىزمەتچىلىرى ھۆكۈمەتتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بانكىنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى ھەقنى خېرىدارلارغا ئىتتىرىپ قويۇشىغا ئېتىراز بىلدۈردى ھەمدە ھۆكۈمەتتىن قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ناچار قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ھىندىستان دۆلەتلىك بانكا گۇرۇھى ھېسابتىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ناچار ھېساب 900 مىليارد رۇپىيەگە يەتكەن. 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ھىندىستان دۆلەتلىك بانكا گۇرۇھى تارقاتقان ناچار قەرز پۇل 200 مىليارد رۇپىيەگە يەتكەن ، لېكىن ئومۇمي تارقاتقان قەرز پۇل 270 مىليارد رۇپىيەدىن ئاچقان.

  يېقىنقى مەزگىلدە ھىندىستاندا ئىش تاشلاش ھەرىكىتى كۆپەيدى. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ھىندىستاندا ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ تەخمىنەن 3800 شوپۇرى ئىش تاشلىدى، بومبايدىكى 3 مىليوندىن كۆپرەك خىزمەتچى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. 18- ئاۋغۇست ھىندىستاننىڭ پورت ئىشچىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كەمسىتىش قىلمىشلىرى داۋاملىق كۆپەيدى، ھەمدە ئاساسىي ھوقۇقىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى دەپ قاراپ مۇددەتسىز ئىش تاشلاشنى جاكارلىدى، 20-ئاۋغۇست ھىندىستاندىكى تۆمۈر يول ھۆددىگەرلىرى يۇقىرى سوممىلىق ئىستېمال بېجىغا ئېتىراز بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر