باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى(1)

2017.08.28 15:00   مەنبە: خەلق تورى

ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن ئابلىز خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بەرپا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلب قىلىش يولى ئارقىلىق تيەنجىن سودا ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىكتە BOO ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇش-ئىگىدارچىلىق-باشقۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلاشقان سانائەت ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ يېتىلىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى __ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سانائەت ئىگىلىكى بىر گەۋدىلەشكەن ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى تەدرىجىي كۆلەملىشىپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بازىغا ئايلانماقتا.

  كۈسەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا نۆۋەتتە ئىككى قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، 120دىن ئارتۇق كىچىك-مىكرو كارخانا ماكانلىشىدىغان، 5000دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان بازىغا ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، كەسىپلەر تۈرتكىلىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، تېخنىكا، بازار كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەمكارلاشقان كارخانىلارنىڭ مول تەرەققىيات تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ تېخنىكا ۋە كاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۇچا ناھىيەسىدىكى كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تارقاق تىجارىتىنى زامانىۋى كەسىپ توپى تەرەققىياتىغا يۈزلەندۈردى. ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا كىرگەن بارلىق كارخانىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، تېخنىكىدا يېتەكلەش، داڭلىق ماركا يېتىلدۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ناھىيەدىكى مىللىي كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىدا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ماركا يارىتىشقا ئاساس سالدى.

  كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ۋە قوللاپ، باغچىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ھازىر كۈسەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا ماكانلاشقان مىللىي كىيىم-كېچەك، كەشتىچىلىك، ھۈنەر-سەنئەت، توقۇمىچىلىق، ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك، يەرلىك ئالاھىدە ئىچىملىك، ئاشلىق-ياغ، تېتىتقۇ ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى پىششىقلايدىغان كارخانىلار 20 دىن، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2000 ئاشتى، بۇنىڭ %80ىنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئىگىلىدى. دەسلەپكى قەدەمدە «بىر يېزىدا بىر كەسىپ»، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇشتەك سەھرا ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈش چىقىش قىلىنىپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلار بۇ باغچىدىن ماكان تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى «ئۆيىدىن چىقىپلا زاۋۇتقا كىرىدىغان»، قىلىدىغان ئىشى، تاپىدىغان پۇلى بولغان بەختىيار تۇرمۇشقا قەدەم بېسىشقا يۈزلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، ئەل قەلبى مايىللىشىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، بېيىشقا تىرىشىش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش __ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى.

  سۈرەتتە: كۈسەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى