خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاۋغۇست كەچتە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بوخەي دېڭىزى بويىغا، خەيخې دەرياسى ساھىلىغا جايلاشقان تيەنجىندىكى ئولىمپىك مەركىزىي تەنتەربىيە مەيدانى «سۇ تامچىسى»دا ئۆتكۈزۈلدى. ھەممە كۆز تىكىۋاتقان مىنۇتلاردا، تيەنجىن خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە نەپىس ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەقدىم قىلىپ، گۈزەل تيەنجىننى نامايان قىلدى.
تاماشىبىنلار تەنھەرىكەت مەيدانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ باشلىنىش مۇراسىمى جەريانىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە پاراڭلاشقاندا، كىشىلەر بۇ بىر مەيدان قالتىس ئويۇن ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ۋە قان-تەر تۆككەنلەرگە بولغان قەلبىدىكى ھاياجانلىرىنى بېسىۋالالمىدى. دەل ئۇلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشى بىلەن بۇ ئېسىل ۋە شان- شەرەپ بارلىققا كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە مەدەنىيەت كۆرىكىدە 6000 دىن ئارتۇق ئارتىس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئارتىسلار سانى 60قا يەتمەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى