خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، تيەنجىن شەھەر ئاھالىسى مىنيۈەن تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينىماقتا. 100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە تيەنجىن مىنيۈەن تەنتەربىيە مەيدانى تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئاۋات شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تيەنجىن پۇتبولچىلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تەنتەربىيە مەيدانى بولغان مىنيۈەن تەنتەربىيە مەيدانى 2012- يىلى چېقىپ ئۆزگەرتىلىپ، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتىدىن ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. نۆۋەتتە، مىنيۈەن تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەسلىي تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىقتىدارى ساقلاپ قېلىنغاندىن سىرت، يەنە ساياھەت-ئىستىراھەت، مۇزېي-كۆرگەزمە، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئىقتىدارلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى