باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2017.08.28 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى پارتىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم خىزمىتى، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2015-يىلى ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىدا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. بىز تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە داۋاملىق بىرلىككە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «سىياسىۋىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىيلىق»نى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى دادىل يېڭىپ، ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسىنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر