باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پولات-تۆمۈر ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى

2017.08.28 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پولات-تۆمۈر ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى. كېيىنكى قەدەمدە شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ رايون، مۈلۈكچىلىك ھالقىپ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  بۇ يىللىق "ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات"تا كۆرسىتىلگەن نىشانغا ئاساسەن، بۇ يىل پولات-تۆمۈر ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 مىليون توننا ئەتراپىدا ئازايتىلىدۇ.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە پولات-تۆمۈر ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئازايتىلىش مىقدارى پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ تەخمىنەن %85نى ئىگىلىدى، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، يۈننەن ئۆلكىلىرى پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تاياقسىمان پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى بىكار قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا پولات-تۆمۈر ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى.

  مۇھىم خام ماتېرىيال بولغان پولات-تۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلار كەسپىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: " كاپالەتمۇ، بېسىممۇ بولۇشنى يەنىمۇ يولغا قويۇش ئارقىلىق پولات-تۆمۈر بازىرىنىڭ مۇقىم ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش"نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پولات ماتېرىياللىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بازاردا زور داۋالغۇش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر