باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى قېتىم «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2017.08.28 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تاملارغا چاپلانغان تەشۋىقات رەسىملىرى كىشىلەرگە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى، ئاممىباپ، ئاسان چۈشىنىدىغان ئۇسۇللار بىلەن مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش يادرولۇق بىلىملىرى نامايان قىلىندى.

  بۇ يىل 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن رەسمىي ھالدا ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنىنى «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى مەملىكەتلىك «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر قىسمى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگىنىمىز دائىم كۆرۈلىدىغان مېيىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر، مەسىلەن ئېرسىيەت، يېتىلىش، سىرتقى زەخمە، كېسەللىك، مۇھىت، ئىش-پائالىيەت قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مېيىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ياكى زەخىملەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى خەۋپنى تۆۋەنلىتىش، زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مېيىپلىكنى توسۇش ياكى ساقايتىش ۋە شۇنداقلا بىمار مېيىپ بولغاندىن كېيىن، مېيىپلىكنىڭ ئەقلىي ياكى پىسخىكىلىق جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراپ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 69 مىڭ مېيىپ بار. مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن شەخسىي سالامەتلىك، ئائىلە بەخت تۇيغۇسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساغلاملىق تۇيغۇسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

  جاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مېيىپلىكنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر بار بولغان تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاز بولغاندىمۇ %50 مېيىپلىكنى كونترول قىلغىلى ياكى يۈز بېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر