باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.08.28 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن. كىتابقا 330 بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2017-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، دوكلاتى، سۆھبىتى، يوليورۇقى قاتارلىق 70 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر