باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئەخلاق نەمۇنىچىسى پەن يۈليەننى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى

2017.08.25 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن 8–ئاينىڭ 23–كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتى پەن يۈليەن موماينى يوقلىدى.

  بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن پەن يۈليەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزى ئاچقان ‹‹مېھىر–شەپقەت دەرسخانىسى››دا 2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىغا ھەقسىز دەرس تەكرارلاپ بەردى، ئۇلارغا دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ۋە ئادەم بولۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. پەن يۈليەن موماي ئىلگىرى تۇرمۇشتا قىينالسىمۇ قەتئىي بوشاشماي، ئەسكى–تۈسكى تېرىپ تاپقان پۇلىنى بالىلارغا ئىشلەتتى. پەن يۈليەن موماي تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەتكە چىقتى، بەزىلىرى ‹‹مېھىر–شەپقەت دەرسخانىسى››دا داۋاملىق بىلىم ئالماقتا. پەن يۈليەن موماينىڭ ئىش–ئىزلىرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ھازىر ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن پەن يۈليەن موماي قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى بولدى، ‹‹مېھىر–شەپقەت دەرسخانىسى››نىڭ يېڭى سىنىپى بار بولدى، يېڭىدىن ئوقۇتقۇچى كۆپەيتىلدى.

  تيەن ۋېن ‹‹مېھىر–شەپقەت دەرسخانىسى››غا كەلگەندە، پەن يۈليەن موماي يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىۋاتاتتى. تيەن ۋېن پەن يۈليەن موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ۋە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئەھۋالىڭىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىزنىڭ ئىش–ئىزلىرىڭىز تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تەسىرلەندۈردى. سىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بالىلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىسىنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىپسىز، بۇنداق تېپىلغۇسىز روھ ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، بۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر شارائىتىمىز ۋە مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ياخشى ئوقۇتۇش مېتودىڭىزنى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىپ قويۇڭ، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىسۇن. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈشىڭىزنى تىلەيمەن.

  تيەن ۋېن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن پەن يۈليەن موماينىڭ تۇرمۇشىغا ئىلگىرىكىدەك كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەم مۇنداق دېدى:پەن يۈليەن موماينى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى، بولۇپمۇ ياشلارنى پەن يۈليەن موماينىڭ داۋاملىق ئۆگىنىش، جاپاغا بەرداشلىق بېرىش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، تۆھپە قوشۇشقا ئىنتىلىشتەك روھىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايە ۋە ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ تىپىك ئىش–ئىزلىرىنى يەنىمۇ قېزىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئەخلاق ئابىدىسىنى تىكلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر