باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەر نۇرغۇن ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ، ئاۋمېننىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى

2017.08.28 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيفېڭ بورىنى «تىيەنگې» ئاۋمېنغا قايتا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ئاۋمېن ئالاقىدار قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، ئۈلۈشكۈن چۈشتە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىقتىساد، مالىيە مەھكىمىسى ۋە خەلق ئىشلىرى باش مەھكىمىسى ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالار تىزىملىكىنى چىقاردى، بۇ 200مىڭ چوڭ ئەخلەت خالتىسى، 100مىڭ تاغار، 60مىڭ ماسكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسقىغىنا 6 سائەت ئىچىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا جىددىي كېرەكلىك ماددىي ئەشيالار جىددىي تەشكىللىنىپ ۋە توشۇلۇپ، مال مەنبەسىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى شۇنداقلا شۇ كۈنى كەچتە ئاۋمېنغا يۆتكەپ بولۇندى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ھەرقايسى ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 26-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە ئۆمەك تەشكىللەپ ئاۋمېنغا ساياھەتكە بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، كېيىنكى قەدەمدە ئاۋمېن ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى يەنىمۇ باھالاش پىكىرىگە ئاساسەن خىزمەتلەر مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر