باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بويىچە تۇنجى مىللىي كارخانىلار ئاساس قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەمگاھى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

2017.08.28 16:16   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىز بويىچە تۇنجى مىللىي كارخانىلار ئاساس قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەمگاھى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەمگاھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئۈرۈمچى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ۋە شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەمگاھىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون ئەۋزەللىكى كۈنسايىن گەۋدىلەندى.«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «بەش چوڭ مەركەز»، يەنى رايون خاراكتېرلىك قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا-ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ مەركىزى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نىشان قىلىپ بېكىتتى. مۇشۇ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە قۇرۇلغان شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى ئالاقە تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ۋە ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 1-قاتاردىكى شەھەرلەردىن تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ۋە مۇلازىمەت بايلىقىنى كىرگۈزۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، تور سودىسى ۋە ئەمەلىي سودا ئاساس قىلىنغان سودا-ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق سىرتقا چىقىشىغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر قانچە ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، چوڭ كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار سودىسى قاتارلىقلاردا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى ئېلىمىز بويىچە تۇنجى مىللىي كارخانىلار ئاساس قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كەسىپلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھازىرغىچە 40 نەچچە كارخانا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھىغا ئورۇنلاشقان. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى ئىشلەپچىقىرىش، تەربىيەلەش، تەتقىقات، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ۋاسىتىچىلىك ئاساس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولىدىكەن، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتقا ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى ۋە كارخانا باشقۇرغۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆمىكى تەشكىللەپ، قەرەللىك ھالدا ئىگىلىك تىكلەش سالونى، تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدىكەن ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەلا ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگە ياردەم بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىراكتىكا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدىكەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ سەيشيا بىلەن شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇنەبىجان ئابدۇۋەلى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى تونۇشتۇردى ۋە يىرىك پىلانى، تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىقلار ھەققىدە دوكلات بەردى. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەمگاھى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى سەيدى تورى، ھۆكۈمەت-سودا ئۇيۇشمىسى، «جۇڭچۇاڭ خوڭشېڭ» پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق سۇپىلار شىنجاڭغا رەسمىي ئورۇنلاشتى. مۇنبەر جەريانىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتى؛ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى كارخانا تەرەققىياتىدا قانداق قىممەت يارىتالايدۇ؛ شەھەرلەر قانداق قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنىڭ توپلىنىش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەندى ۋە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلدى.

  1-سۈرەتتە:يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى