باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا توختىماستىن پارتلاش يۈز بېرىپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قالدى

2017.08.28 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزەربەيجاندىكى بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا 27-ئاۋغۇست ئەتىگەندە پارتلاش يۈز بەردى. ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتىگە مەسئۇل باش داۋالاش ئەمەلدارى مىلانرام جالالۇف: پارتلاشتا ئۈلۈش–يارىلىنىش بولدى، دېدى.

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ بىر ھەربىي بازىسىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

  جالالۇفنىڭ ئەزەربەيجان PAP ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دىيىشىچە، 10 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ئەتراپىغا ئەۋەتىلگەن، پارتلاش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشۋاتقان بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قالغان.

  جالالۇف مۇنداق دېدى: بىز پارتلاشتا قازا قىلغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدۇق، « ئەگەر لازىم بولسا، بىز قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر