باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭلىق ئاشىق-مەشۇقلار ئائىلىسى ھەممىنى تەسىرلەندۈردى

2017.08.29 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى، بۇ كۈن جۇڭگونىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كىشىلەر قىزىل بولاق ئەۋەتىپ، گۈزەل رەسىملىرىنى چىقىرىپ، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە شۇنداقلا «بەختىنى كۆز-كۆز قىلىش» رىقابىتىمۇ باشلاندى. بىراق ئۆزى بىر پارچىمۇ رەسىمىنى چىقارمىغان شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 7ـ تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچىسى لى شىن بىلىپ-بىلمەي بۇ كۈندىكى توردا بەسلىشىشتە ھەممىنى يەڭدى.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بەزى سىن تاراتقۇلىرىدا لى شىن ئايالى ۋە قىزى بىلەن بىللە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن رەسىملەر ۋە سىنلار تور ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى، جۇڭگو ساقچىلار تورى شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 20 مىڭدىن ئاشتى، «نەشپۈت» سىن مېدىياسىدا لى شىن بىلەن ئايالىنىڭ بەزىبىر قىسقا دىئالوگلىرى ئېلىنغان سىننىڭ كۆرۈلۈشى 2000 قېتىمدىن ئاشتى، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۆكسۈپ ياش تۆككەن قىسمى تورداشلارنى كۆپ تەسىرلەندۈردى.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن لى شىننىڭ ساقچى بولغىنىغا تۆت يىل بولدى، ئۇ ئەترەتتە مۇنەۋۋەر ساقچى، ئۇنىڭ ئايالى لياڭ خۇا بىر ئوقۇتقۇچى. 27-ئاۋغۇست چۈش سائەت 12دە، لياڭ خۇا قىزىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 7-تارماق ئەترىتىگە باردى، ئەر-ئايال ئىككەيلەن تونۇشقىلى تۆت يىل بولغان، قىزى ھازىر ئىككى ياشقا كىردى، بۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشى.

  ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ بىرىنچى قېتىم دادىسىنىڭ ئىدارىسىغا كېلىشى، يېپيېشىل چىم، كەڭرى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە رەڭلىك يۈگۈرۈش يولى قىزىنى خۇش قىلاتتى. قۇياش نۇرىدا لى شىن ئايالى ۋە قىزى بىلەن چىملىقتا كۈلۈشۈپ ئويۇن ئوينىماقتا ئىدى، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ رەسىمگە تارتىپ، تورغا چىقاردى.

  توردا تارقالغان سىندا، ئەر-ئايال ئىككەيلەندىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىر-بىرىڭلارغا دەيدىغان قانداق سۆزۈڭلار بار، دەپ سورالغان. بۇ ۋاقىتتا ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرى قىزاردى، كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ، ياشلار تاراملاپ ئاقتى. خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن لى شىن ئۆيدىكىلىرىگە ھەمراھ بولالمايتتى، لى شىننىڭ كۆزىدە مۇھەببەت ۋە ئوڭايسىزلىنىش، ئايالىنىڭ كۆزىدە كەڭ قورساقلىق ۋە قىيالماسلىق ئەكس ئەتتى.

  زىيارەتتە لى شىن ئالدىنقى قېتىم دەم ئېلىش ئېلىپ ئۆيگە قايتقىنىنىڭ قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «قىزىم ئىككى ياشتىن ئاشتى، قىزىمغا ھەمراھ بولغان ۋاقتىمنىڭ ناھايىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەر بىر قېتىم ئۆيگە قايتسام، دەسلەپتىكى مېنى كۆرگەن نەچچە مىنۇتتىلا قىزىم ماڭا بىر قەدەر ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەقەت ئاپىسى ۋە ئويۇنچۇقىلا بولسا بولدى. قىزىمنىڭ تېلېفوندا مېنى كۆرگەن ۋاقتى ئىككىمىزنىڭ بىللە بولغان ۋاقتىدىن كۆپ جىق، مۇشۇلارنى ئويلىساملا مېنىڭ كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولىدۇ.»

  لى شىننىڭ ئايالى لياڭخۇا مۇنداق دېدى: مەن بىزنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىشىمىزنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەنكەن.» ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يولدىشى تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا توي سۈرىتىگە چۈشىدىغان چاغدا، مەن گىرىمىمنى قىلىپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، توي سۈرەتكە چۈشىدىغان يەردە لى شىننى ساقلاپ ئولتۇردۇم، بىراق ئىدارىدىن كەلگەن بىر تېلېفون بىلەنلا ئۇ كېتىپ قالدى، مەن شۇ يەردە شۇنداقلا قالدىم. توي سۈرەت ۋەقەسى مېنىڭ سەۋرەمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى، ئۇندىن كېيىن مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، مەنمۇ كۆتۈرەلەيدىغان بوپ كەتتىم.»

  زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىر لى شىندىن ئايالىڭىزغا دەيدىغان قانداق سۆزىڭىز بار، دەپ سورىدى، ئۇ بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن خىزمەتداشلىرىم سىنغا ئالغان چاغدىمۇ مەندىن مۇشۇنداق سوئال سورىغان، بۇ خىل سوئال مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىكەن. مەن پەقەت بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، ئۆزۈمنىڭ كىچىك ئائىلەمنىڭمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولسا كېيىن مەنمۇ كۆپ ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئائىلەمدىكىلەرگە ھەمراھ بولالايمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر