باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ

2017.08.29 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەركىزىي شەھەردىكى يەسلىلەرنىڭ دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش ۋە تۈرگە ئايرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ 324 يەسلى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ھەر تۈرلۈك خاراكتېردىكى يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭرىتاغ رايونىدا 41سى، سايباغ رايونىدا 55ى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)دا 63ى، بۇلاقتاغ رايونىدا 47سى، ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدا 22سى، مىچۈەن كۆكتاغ رايونىدا 56سى، داۋانچىڭ رايونىدا 12سى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 28ى بار.

  نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولغان يەسلى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ھەمدە ئاتا-ئانىسىدىن ئاز بولغاندا بىر تەرەپ بەلگىلىمە بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۆلەپ كېلىۋاتقىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان، مەزكۇر شەھەردە دائىم تۇرۇشلۇق باشقا جاي نوپۇسىدىكىلەرنىڭ يەسلى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرى ھەقسىز يەسلى مائارىپى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوبيېكت ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشقان ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان شەھەر يەسلىلىرىدىكى يەسلى ئوتتۇرا سىنىپى ۋە يەسلى يۇقىرى سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن تولۇق ياكى مەلۇم دەرىجىدە بەھرىمەن بولىدىكەن؛ يېزا يەسلىلىرىدىكى يەسلى تۆۋەن سىنىپى، يەسلى ئوتتۇرا سىنىپى، يەسلى يۇقىرى سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن تولۇق ياكى مەلۇم دەرىجىدە بەھرىمەن بولىدىكەن، كونكرېت ئۆلچىمى بولسا ھەقسىز قاراش ۋە تەربىيەلەش ھەققى، ھەقسىز بالىلار باغچىسى ئوقۇشلۇقى ھەققى ۋە تاماق پۇلىغا تولۇقلىما بېرىش، ئىسسىنىش ھەققى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشمىغان يەسلىلەر ۋە يەسلى ھەققى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايلىقى 1000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان يەسلىلەرگە تولۇقلىما بېرىلمەيدىكەن.

  ئۇندىن باشقا، يەسلىلەرنىڭ كونكرېت دەرىجىسىنى تۈرگە ئايرىشتا ئۈچ دەرىجە قوللىنىلغان بولۇپ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى بىرىنچى دەرىجىلىك يەسلى ھېسابلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى 1000 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 600 يۈەننى ھۆكۈمەت تولۇقلىما قىلىپ بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆزى تۆلەيدۇ؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك يەسلىنىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى 800 يۈەن، قالغان قىسمىنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆزى تۆلەيدۇ؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك يەسلىنىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى 600 يۈەن، ناۋادا ئۈچىنچى دەرىجىلىك يەسلىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولسا، بالىنىڭ قاراش ۋە تەربىيەلەش ھەققى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا كەم قالغان قىسمىنى تۆلەش كەتمەيدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 400دىن ئارتۇق يەسلى بار بولۇپ، يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلار 94 مىڭدىن ئاشىدىكەن، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى يەسلىلەر %70 تىن ئاشقان بولۇپ، شەھەر تەۋەلىكىدىكى بارلىق خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى يەسلىلەر دەرىجىسىنى باھالاشقا قاتناشقان، دەرىجىسىنى باھالاشتا ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈل تەۋەنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بەزىبىر خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەسلىلەر دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر