باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە دېلو بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى 4- قېتىملىق بەنزىسى 115 مەسىلىنى ئېنىقلىدى

388 نەپەر مەسئۇل كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2017.08.28 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش قارىمىقى تور بېكىتىنىڭ 27- چېسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە دېلو بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى 4- قېتىملىق بەنزىسى دېلو بېجىرىش جەريانىدا، 20 ئۆلكە ۋە رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 46 ئالاقىدار مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، 115 تۈرلۈك كونكرېت مەسىلە ئېنىقلاندى، 388 نەپەر مەسئۇل كىشى بىر تەرەپ قىلىندى.

  ئىگىلىنىشچە، بىر تەرەپ قىلىنغان كىشىلەر ئىچىدە، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ۋە شەھەرگە قاراشلىق تارماقلاردىكى كادىرلار بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھىيە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ كادىرلىرىمۇ بار ئىكەن، ھەمدە يېزا-بازار، پونكىت ۋە كەنتلەرنىڭ 1- دەرىجىلىك كادىرلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- قول رەھبەرلەرنىڭ ئىگەللىگەن سالمىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ نۆۋەتتىكى دېلو بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت بەنزىسى يەنە نۆۋەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ۋە مەبلەغ سېلىش-قوللاش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامال قىلىپ نامرات كارخانىلار قاتارىغا كىرىۋېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان؛ بەزى جايلار نامراتلارنى ئۆزئارا يۆلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ھەقىقەتەن ئىزدەنگەن، يەنى نامرات كەنتتە نامراتلارنى ئۆزئارا يۆلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېگەندەك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئۇلار توپلىغان ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن باشقا ئىشقا يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىنغان، ھەتتا ئىگىلىۋېلىنغان؛ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى يېزىلارغا ئاجرىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەزىلىرىنى كەنت كادىرلىرى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇزۇپ-چېچىپ، زىيان ۋە ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

  بۇ قېتىم ئېنىقلانغان 115 كونكرېت مەسىلىنىڭ 68ى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماسلىق ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش دېگەندەك جەھەتلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭدا ھەتتا ئۆزى قاراۋاتقان مالنى ئوغرىلاشتەك قىلمىشلارمۇ بار. بۇ خىل مەسىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر