- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيەنىڭ پارامېنىت ئەزاسى جۇڭگو كۆچمەنلىرى كۈنىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى
2017.08.25 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگولۇق پارلامېنىت ئەزالىرى فىرونتى 15-ئاۋغۇست بىرازىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىن زالىدا جۇڭگو كۆچمەنلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ فىرونتنىڭ رەئىسى فۇستو پىناتو ئاۋام پالاتاسىغا لايىھە سۇنۇپ، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى جۇڭگو كۆچمەنلىرى كۈنى قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ لايىھەدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىرازىلىيە بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى، تۈرلۈك ئىرقىتىكىلەر، مىللەتلەر ئىناق بىرگە ئۆتمەكتە، بىراق بۈگۈنكى كۈنگىچە جۇڭگو كۆچمەنلىرى خاتىرە كۈنى تەسىس قىلىنمىدى. بۇ خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلىش جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇشىغا، شۇنداقلا تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر