باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس: ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقنى يولغا قويۇشى ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ

2017.08.25 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ جۇڭگوغا 301 تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى جوسىف بۇرامىل يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويۇشى ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ دېدى.

  بۇرامىل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرشارى سودا كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت بازىرى بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويۇشى چەتئەل كارخانىلىرىنى يېڭى بازار تېپىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار نەزىرىنى جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا تىكمەكتە.

  بۇرامىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىشقا تايىنىدۇ ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېكسپورت بازىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش بولۇپمۇ ياۋروپا بازىرىغا كېڭەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىدۇ. مېنىڭچە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» سىياسىتى ئاسىيا بىلەن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن جەلپكارلىقى كەم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر